شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 5 - ئايدا مەن سېربىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم. بىر يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋر جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، نەتىجىسى ھەممىگە ئايان. دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، قاتمۇقات خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس گىرەلەشكەن ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - سېربىيە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەۋرەنمەس دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشۈشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى بىلەن سېربىيە خەلقى فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى جەڭ مەيدانلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش نەتىجىلىرىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك دوستى، ئىزچىل تۈردە سېربىيەگە خالىس مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، سېربىيەنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشتى. سېربىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، باشتىن - ئاخىر تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ 2027 - يىللىق بېلگراد كەسپىي تۈردىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتتى، سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ يەككە تەرەپچىلىككە، قورۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.