شى جىنپىڭ شىۋېتسىيە پادىشاھى كارل 16 . گۇستاف بىلەن جۇڭگو - شىۋېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.05.12 11:24 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىۋېتسىيە پادىشاھى كارل 16 . گۇستاف بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىۋېتسىيە تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - شىۋېتسىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو - شىۋېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ كارل 16 . گۇستاف بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

كارل 16 . گۇستاف مۇنداق بىلدۈردى: شىۋېتسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، مەن شىۋېتسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، شىۋېتسىيە - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ