بېكىتىلدى! قەشقەرگە ماكانلاشتى!

2025.05.09 14:22 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ سېلىنما تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «شىنجاڭ سېلىنما گۇرۇھى» دېيىلدى) قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن 1 مىليون ئۇرچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق تۈرىگە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا ئايلاندۇرۇش تەخمىنەن 150 مىڭ توننىغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ ئورنى قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1200 مو كېلىدىكەن، يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، بوياقچىلىق، كىيىم-كېچەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى توپىنى بەرپا قىلىدىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 3500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇش مۆلچەرلەنگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ