يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-شىنىڭ-چاڭشا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، ئۈرۈمچى، شىنىڭ، چاڭشادىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولاي سەپەرگە چىقىشتىكى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-شىنىڭ-چاڭشا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە A 320 تىپلىق ئايروبوس ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش پىلانلاندى. بېرىش مۇساپىسى GS 7501 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، شىنىڭدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 16 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە GS 7502 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، شىنىڭدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 23 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ.