ئىككى تارماق 2025 ـ يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

كەمسىتىش، قاراتمىلىق خاراكتېرىگە ئىگە چەكلەش شەرتلىرىنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ

2025.05.09 14:19 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىشىپ «2025 ـ يىللىق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلار 2025-يىللىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، ئىلىم-پەن، ئۇچۇر -تېخنىكا، سەنئەت، ئەمگەك، پىسخىكا ساغلاملىقى، ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىق كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ۋە تولۇقلاشنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىپ، پەنلەر ئارا، شەھەر-يېزا ئارا ئوقۇتقۇچى جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك.

جايلار ئاساسىي قاتلام كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشتا مايىللىشىش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ھەربىيلەر ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ