مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى سائەت 06:00 دە بورانغا ئائىت كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى داۋاملىق ئېلان قىلدى

2025.05.09 14:18 مەنبە: خەلق تورى

مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 08:00 دىن 10-كۈنى سائەت 08:00 گىچە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، چىڭخەي، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، سەنشى، خېبېينىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي شىمال قىسمى، خېنەن، جياڭسۇنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە، يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، چىڭخەي، گەنسۇنىڭ شەرقىي قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرىچە شامال كۈچى يەتتە بالدىن ئاشىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 8 بالدىن 10 بالغىچە بولىدىكەن؛ بوخەي دېڭىزى بوغۇزى، خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ كۆپ قىسىم دېڭىز تەۋەلىكى، دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە شامال چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران توققۇز بالدىن ئون بالغىچە چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قىسمەن دېڭىز تەۋەلىرىدە توققۇز بال، ئۆتكۈنچى بوران ئون بالدىن 11 بالغىچە چىقىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ