جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ دېجۈن مۇنداق بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ياپونىيەنىڭ «شىر» ناملىق بېلىقچىلىق كېمىسى دۆلىتىمىزنىڭ دياۋيۈ ئارىلىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىردى، جۇڭگونىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا زۆرۈر باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەم ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلىۋەتتى. دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، بىز ياپونىيە تەرەپنى بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.