سەنشى فېنياڭدىكى بىر ئاھالە ئۆيىدە تاماكا چەككەنلىكتىن چاقماق تېزلىكىدە پارتلاش يۈز بەردى

2025.05.09 14:14 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ فېنياڭ شەھىرى ۋېنفېڭ كوچا باشقارمىسى دۇڭگۇەن مەھەللىسى فۇشۆيۈەن ئولتۇراق رايونىدا تۇيۇقسىز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم يېنىك يارىلانغان.

ئالاقىدار كىشى خوۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئادەم تۇرمىغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىدە تاماكا چەككەنلىكتىن تۇيۇقسىز چاقماق تېزلىكىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۆزى يېنىك يارىلانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا كۆزىتىلىۋېتىپتۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، باشقا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

نۆۋەتتە، بۇ قېتىمقى چاقماق تېزلىكىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كونكرېت سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە. فېنياڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىۋاتىدۇ ھەمدە تەسەللى بېرىش ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ