شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كىرېمىل سارىيىدىكى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كىرېمىل سارىيىدىكى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرسىلا، ھەرقانداق كۈچ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى توسۇيالمايدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان خەلق رايى مايىللىقىنى توسۇيالمايدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇيالمايدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاش ئۈچۈن، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى مۇستەھكەم. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ ئادىل بولۇش، دېموكراتىك بولۇش، كۆپ قۇتۇپلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كىرىزىس پەيدا قىلىدىغان مەنبەنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تىنچلىققا پايدىلىق بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدۇ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئادىل بولغان، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان، چەكلەش كۈچىگە ئىگە ھەم ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر قوبۇل قىلىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
پۇتىن جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدىكى ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيدانىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى ۋە مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ ئالدىنقى شەرت بېكىتمىگەن ئەھۋالدا تىنچلىق سۆھبىتى باشلاشنى خالايدۇ، ئادىل، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.