1-پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش سوممىسى ۋە ئېلىش سوممىسى قوش ئاشتى

2025.05.08 14:35 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش سوممىسى، ئېلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 6.26، %4.51 ئېشىپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن شۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايون جۇغلىغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى 15 مىليارد 678 مىليون يۈەنگە، تارقىتىلغان ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى 12 مىڭ 96 قېتىمدا 5 مىليارد 302 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا مەدەت بېرىپ ئاجرىتىلغان ئومۇمىي سومما 12 مىليارد 803 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ ئىستېمالى تۈرىدىكى ئېلىنغان پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %75.47 كە يەتكەن، تۇرالغۇ ئىستېمالى تۈرىدىكى ئېلىنغان پۇل سوممىسى جەھەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ