5-ئاينىڭ 7-كۈنى، شاڭخەي لېگاۋ شادلىق باغچىسى ئىستىراھەت رايونى ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، شاڭخەي لېگاۋ شادلىق باغچىسى ئىستىراھەت رايونى 2025-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي ئېچىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، «شاڭخەي ئېلانى» ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىستىراھەت رايونى دۇنيا بويىچە ئېچىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ لېگاۋ شادلىق باغچىسى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، «شاڭخەي ئېلانى» ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، شاڭخەي لېگاۋ شادلىق باغچىسى ئىستىراھەت رايونى ھۆكۈمەت تەرەپ بىر كۈنلۈك بېلەت باھاسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر كۈنلۈك بېلەت بازار قائىدىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئالتە دەرىجىلىك بېلەت باھاسى قوللىنىلغان، بالىلار بېلىتى 255 يۈەندىن، قۇرامىغا يەتكەنلەر بېلىتى 319 يۈەندىن باشلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ خىل تاللاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
شاڭخەي لېگاۋ شادلىق باغچىسى ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئەپچىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، باغچە رايونى چەكلىك خاتىرىلەش يىللىق كارتىسى (سىناق تىجارەت بېلىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ سېتىلىش باھاسى 1399 يۈەندىن، باغچە رايونى چەكلىك مېھمانساراي يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى (سىناق تىجارەت بېلىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ سېتىلىش باھاسى 3588 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.