بەل ئايلانمىسى بەلنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىغان ئۇزۇنلۇق بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئادەتتە 85 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ ئادەتتە 80 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەل ئايلانمىسىنىڭ نورمال بولۇش-بولماسلىقى نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىردىن 90 سانتىمېتىرغىچە، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىردىن 85 سانتىمېتىرغىچە بولسا، بۇ مەركەزلىك سېمىزلىكنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگە كىرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 90 سانتىمېتىردىن، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، مەركەزلىك سېمىزلىك ھېسابلىنىدۇ.