تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند ئۆسۈم نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى! 1 مىليون يۈەنلىك ئۆي قەرزى ئالغاندا 30 يىلدا 50000 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ

2025.05.08 14:36 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مەركىزىي خەلق بانكىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق «بىر قاتار پۇل مۇئامىلە سىياسەتلىرى ئارقىلىق بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەخسىي تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىش، بەش يىلدىن يۇقىرى تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى %2.85 تىن %2.6كە تۆۋەنلىتىش، باشقا مۇددەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ماس قەدەمدە تەڭشەشنى ئايدىڭلاشتۇردى. مىسالغا ئالساق، 1 مىليون يۈەن قەرز پۇل دىرىنى 30 يىللىق مۇددەتتە دىرى بىلەن ئۆسۈمى تەڭ سوممىلىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرزى ئالغاندا، سىياسەتتىن بۇرۇن ئايلىق قايتۇرىدىغان قەرز 4136 يۈەن ئىدى، سىياسەتتىن كېيىن بولسا 4003 يۈەن بولۇپ، 133 يۈەن ئازايغان. ئومۇمىي قايتۇرىدىغان قەرزنىڭ ئومۇمىي سوممىسى (دىرى+ئۆسۈمى) ئىلگىرىكى 1 مىليون 490 مىڭدىن 1 مىليون 440 مىڭغا ئۆزگىرىپ، 50 مىڭ يۈەن تەننەرخ بىۋاسىتە ئازايغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەڭشەلگەندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرز پۇلىنىڭ بەش يىلدىن يۇقىرى بولغان تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %2.6 كە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ