مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بۇ يىل نۇقتىلىق تۈردىن 500 نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 3 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى، يىللىق پىلان بويىچە 406 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.
بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر سانى 2024-يىلىدىكىدىن 70ى كۆپەيگەن بولۇپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 56 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇش پىلانلاندى. 500 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈر 190 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 243 مىليارد 200 مىليون يۈەن؛ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈر 120 بولۇپ، جەمئىي 73 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 163 مىليارد 700 مىليون يۈەن؛ زاپاس تۈر 190 بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى.
مەبلەغ سېلىش كۆلىمىدىن قارىغاندا، 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر 342 بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %68، 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر 137 بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.4 بولغان.