دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى:
شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، شىۋېيتسارىيە رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، مۇئاۋىن زۇڭلى خې لىفېڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەلچىسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسېنت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، مۇئاۋىن زۇڭلى خې لىفېڭ فىرانسىيەگە بېرىپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن 10-قېتىملىق جۇڭگو-فىرانسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد-مالىيە-پۇل مۇئامىلە سۆھبىتىگە ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.