شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى.
باياناتچى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا تەرتىپ چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن مەۋقەنى تارىخ ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتتا باشتىن ـ ئاخىر قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان روشەن ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلدى.
باياناتچى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم تەكلىپ بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەم بىر قاتار خەلقئارا ۋە رايون زور مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
باياناتچى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئىككى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەر قايسىسى مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ، مۇھىم تارىخىي تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىرلىكتە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، توغرا بولغان 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ ئالاھىدە تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ قارشى تەرەپنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللىشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.
باياناتچى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى دۆلەت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش جەھەتتە ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى زىچ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا يەككە تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.