شى جىنپىڭ گۇيجوۋ بىجيې شەھىرىنىڭ چيەنشى شەھىرىدىكى ساياھەت كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2025.05.06 09:40 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى سائەت 16دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، گۇيجوۋ بىجيې شەھىرىنىڭ چيەنشى شەھىرى شىنرېن يېزىسى خۇاۋۇ كەنتىدىكى يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبەردى. ھازىرغا قەدەر، ھادىسىدە ئۈچ ئادەم ئۆلدى، 60 ئادەم دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈپ قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ ـ داۋالىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا 14 ئادەمنى ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇيجوۋ بىجيې شەھىرىنىڭ چيەنشى شەھىرىدىكى بىر مەنزىرە رايونىدا ساياھەت كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبەردى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ھەم ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى مەزگىلدە، بەزى جايلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىپ، كۆپ ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دىققەتنى ساياھەت مەنزىرە رايونى، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى مەيدان ـ سورۇن، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، قايتىش سەپىرىدىكى قاتناش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، گەۋدىلىك ھالدا نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇن، نۇقتىلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، بىجيې شەھىرى نەق مەيداندا ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ