جاۋاب خەت
شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرى:
خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غەربىي قىسىم چېگرا رايونلىرىغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا پائال رولۇڭلارنى جارى قىلدۇردىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇڭلار.
بۇ يىللاردا، بارغانسېرى كۆپ ياش غەربىي قىسىمغا، يېزا - كەنتلەرگە، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشنى تاللاپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بولۇشۇم كېرەك، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. كەڭ ياشلارنىڭ غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، سىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.
شى جىنپىڭ
2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غەربىي قىسم چېگرا رايونلىرىغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا پائال رولۇڭلارنى جارى قىلدۇردىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇڭلار.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىللاردا، بارغانسېرى كۆپ ياش غەربىي قىسىمغا، يېزا - كەنتلەرگە، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشنى تاللاپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بولۇشۇم كېرەك، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. كەڭ ياشلارنىڭ غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرا لىنىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 47 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاساسلىقى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ، 2022 - يىلى 8 - ئايدا قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تۇنجى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان مەكتەپ بولغان. يېقىندا شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەھۋالى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.