4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن شاۋچېڭ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خاۋ، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۇڭلىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ چاڭشېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاشتا جەزمەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باسقۇچلۇق تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەربىر ساھەدە نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋاپىق بېكىتىش، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە دەلىللەپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشقا، قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاچقۇچلۇق، ھەل قىلغۇچ ئامىلنى چىڭ تۇتۇپ، رىتىم ۋە سۈرئەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، بوغما ھالەت ۋە توسۇق نۇقتىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي نىشان بىلەن يۆنىلىش بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاشتا، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى - تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ قىممەت يۆنىلىشى قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايونلارنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر - يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شەھەر - يېزا ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى پۇختا ئاشۇرۇش كېرەك. تەڭپۇڭلۇقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. پۇقرالارغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىي بولۇشتا، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەر ھەقىقىي بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاشتا، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى بېكىتكەندە ئۆز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.