4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شۈخۇي رايونىغا جايلاشقان شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى ھېس قىلىش دۇكىنىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شۈخۇي رايونىغا جايلاشقان شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىدە، «كېيىنكى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى» باش تېمىسىدىكى سالونغا قاتنىشىۋاتقان ياش يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي خەلقئارا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبە ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك.
4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ ۋە شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شۈخۇي رايونىغا جايلاشقان شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
«موسۇ بوشلۇقى» شاڭخەي شەھىرى بەرپا قىلغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ مودېلى كەسپى بويىچە يېتىلدۈرۈش ۋە تېزلىتىش سۇپىسى بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كارخانا ئۇنىڭغا ماكانلاشتى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، سىنلىق قىسقا فىلىم ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ چوڭ مودېل مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئېچىش، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تېز ئالمىشىپ، پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى كۈتۈۋالماقتا، شاڭخەي چوڭ مودېل كەسپى ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئارقىلىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلاردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ئىزدىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.
«موسۇ بوشلۇقى»نىڭ 3 ـ قەۋىتىدە «كېيىنكى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى» باش تېمىسىدىكى سالون ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى. شى جىنپىڭ خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىپ، نەق مەيداندىكى ياش يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە باش شۇجىغا ئۆزى تۇرۇشلۇق كوللېكتىپنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە كەسىپتە قوللىنىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەسىراتىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ياش كەسىپ، شۇنداقلا ياشلارنىڭ كەسپى. بىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، بۇ دەل ياش ئەۋلادلار تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى پەيت. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈمىد ياشلاردا. كۆپچىلىك ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، شەخىسنىڭ كۈرىشىنى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ـ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان كەڭ سەھنىدە گۈزەل ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى ھېس قىلىش دۇكىنىغا كىردى. پۇكەيدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بالىلار ئويۇنچۇقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چالغۇ قاتارلىق ئىجادىي مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، شى جىنپىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە بازار ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، يەنە زور قىزىقىش بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەكنى تاقاپ بىۋاسىتە ھېس قىلىپ باقتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقى مول، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، بازار بوشلۇقى غايەت چوڭ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تىرىشىپ ئېچىش كېرەك.
ئايرىلىدىغان چاغدا، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا خىزمەتچىلىرى ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سوراپ، باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئارقا ـ ئارقىدىن قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ 1 ـ ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كۆپچىلىكنى ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.