4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرى بەيتا رايونى سەنلىجۇاڭ ئۆيى چېقىلغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىناسى ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىدا ئوت ئاپىتى يۈزبەردى. سائەت 14كىچە، ھادىسىدە 22 ئادەم ئۆلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى.
ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرى بەيتا رايونىدىكى بىر ئاشخانىدا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر! يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ۋە ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەلىي بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ سەپەرگە، ساياھەتكە چىقىشى كۆپىيىدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى پائالىيەت زىچ بولىدۇ، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەم جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچەجاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھازىر «1 ـ ماي» يېقىنلىشىپ قالدى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر چوڭقۇر تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى، لياۋياڭ شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.