شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زىيارەت قىلدى

2025.05.06 09:25 مەنبە: خەلق تورى

4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زىيارەت قىلدى، ھەم يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى رۇسسېف بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زىيارەت قىلدى، ھەم يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى رۇسسېف بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زىيارەت قىلدى، ھەم يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى رۇسسېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، رۇسسېف يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تۆت مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ھەم خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ رۇسسېفنىڭ يەنە بىر قېتىم يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات بانكىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قۇرغان ھەم يېتەكچىلىك قىلغان تۇنجى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى، يەرشارى جەنۇبىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىدىكى ئىجادىيىتى بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تارىخىي ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچلەر ۋە يەرشارى جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نى باشلىشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارى جەنۇبىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىەرنىڭ رەقەم جەھەتتىكى ھاڭنى تولدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش؛ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىدە يەرشارى جەنۇبىنىڭ ساداسىنى كۈچەيتىپ، يەرشارى جەنۇبىنىڭ يوللۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەش؛ ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، باشقۇرۇش ۋە تىجارەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلتىنى قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ساھىبخانا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تىجارەت تەرەققىياتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بولغان تۈر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يېشىل، ئىجادىي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ؛ يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئارقىلىق باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارى جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تەرەققىياتتا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

رۇسسېف جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەرشارى جەنۇبىنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سالدى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

سەي چى، خې لىفېڭ، چېن جىنىڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ