4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىراندا ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيانغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئابباس پورتى شەھىرىنىڭ راجاي پورتىدا ئېغىر پارتلاش يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كېلىپ چىققانلىقىدىن قايغۇلۇق ھالدا خەۋەر تاپتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.