ئەمگەك بەختنى يارىتىدۇ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى، «پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇپ، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش»قا چاقىردى.
دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق؛ خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى بېسىمغا ئۇچرىغان مۇرەككەپ، كەسكىن مۇھىتتا قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچى ئاممىنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشى، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە جىددىي ئېھتىياجلىق؛ ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرىش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، «دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى تۆھپە قوشۇش ـ نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ـ ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجاد قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «چاڭئې» «بېيدوۋ» «تيەنخې» قاتارلىق چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى ئۈزلۈكسىز «يېڭىلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن سانائەت ئىشچىلىرى ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ دادىل يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يېشىل بولۇشقا يۈزلىنىپ تىپ ئۆزگەرتىشى، يېڭى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىغىچە، يەنە پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە رەقەملىك تېخنىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنالايدىغان يېڭىچە دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، ئاشلىق تاماق قاچىسىنى پۇختا، مەھكەم تۇتۇشقا كۈچ قوشۇشىغىچە... دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ۋە ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى تولۇق قوزغىتىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قۇۋۋەت قوشۇلدى.
ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ھەم مىسلىسىز پۇرسەتنى كۈتۈۋالدۇق، ھەم جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق. بۇ، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەكسىز ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىققەتنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي يولنى تۇتۇپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش داۋامىدا دادىل ئىزدىنىشكە تەشكىللەپ ۋە يېتەكلىگەندىلا، چوقۇم دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئەمگەكچىلەرنىڭ بىلىمى ۋە قابىلىيىتى قانچىكى كۆپ جۇغلانسا، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى شۇنچە زورىيىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.» ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختا، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، «زور مىقداردىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىچىلاردىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى» دەل دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى تۆت چوڭ ئەۋزەللىكنىڭ بىرى. ئىختىساسلىقلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان نوپۇس 250 مىليونغا يەتكەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ئوتتۇرىچە يىل چېكى 14 يىلدىن ئاشقان؛ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سانى 200 مىليوندىن ئاشقان، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار 60 مىليوندىن ئاشقان؛ ئىنژېنېرلار ئومۇمىي سانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، كۆلىمى زور بولغان قالتىس ئىنژېنېرلار قوشۇنى تېز شەكىللەنگەن. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىپ، «ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكى»نى «ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى»گە ئايلاندۇرۇپ، «نوپۇس پايدىسى»دىن «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»نى چوڭقۇر قازغاندىلا، جەزمەن كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە پۇرسەتنى ئاۋۋال تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ ئىش. يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ كۈچىنى توپلاش دەل ئۇنىڭدىكى «ئەڭ قىيىن ئىش»نى ھەل قىلىش، ئۇنىڭدىكى «ئەڭ ئۇلۇغ ئىش»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئاچقۇچ. بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، «15 ـ بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.