گوتەي ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2025.04.29 13:57 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 7 دە، گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CX 998 نۆۋەتچى ئايروپىلانى شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى، گوتەي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شياڭگاڭ-ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىم ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، A330 تىپلىق ئايروبوس ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ