دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى نىشانلىق كۆپەيتىپ تارقىتىلىدۇ

2025.04.29 14:02 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئۇزاق مۇددەت چەك تارتقان ئائىلىلەر ۋە ئاپتوموبىلى يوق ئائىلىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى نىشانلىق كۆپەيتىپ تارقىتىلىدۇ.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن 4-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەخسۇس تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، شۇنداقلا سېتىۋېلىشقا چەك قويغان شەھەرلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت چەك تارتقان ئائىلىلەر ۋە ئاپتوموبىلى يوق ئائىلىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنى نىشانلىق كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ