ئېنىق بولدى! مۇددەتتىن بۇرۇن مائاش تارقىتىلىدۇ

2025.04.29 14:01 مەنبە: خەلق تورى

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا

بۇ يىل ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە

بۇلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن مائاش تارقىتىلسا بولىدۇ

ئايلىق مائاش بېرىش كۈنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە بولغان دوستلار دىققەت، سىزنىڭ مائاشىڭىز ئالدىن تارقىتىلسا بولىدۇ!

«مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن، مائاش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى ئارام ئېلىش كۈنلىرى كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىن خىزمەت كۈنىدە ئالدىن تارقىتىش كېرەك. مائاش كەم دېگەندە ئايدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك مائاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلارغا ھەپتە، كۈن، سائەت بويىچە مائاش بېرىشكە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ