4-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۆپەيمە سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەخسلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭ ئۇچرىغان كارخانىلارغا قارىتا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، سودا مىنىستىرلىقى تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭ ئۇچرىغان كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئۈچنى كۆپەيتىپ، ئۈچنى كېمەيتىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تاشقى سودىغا تايىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، مەھسۇلاتلىرى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتا قەرزنى قايتۇرۇۋالماي، ئۈزۈپ قويماي، مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىللىق 2-تۈركۈمدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلىغىنى چۈشۈردى، كېيىن يەنە 140 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بار بولۇپ، جايلارنىڭ چىقىم قىلىش جەريانىغا ئاساسەن ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈرىدۇ. يەنە بالا بېقىش ياردەم تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، مەخسۇس قايتا قەرز پۇل بېرىش قورالى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ. سېتىۋېلىشقا چەك قويغان شەھەرلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت چەك تارتقان ئائىلىلەر ۋە ئاپتوموبىلى يوق ئائىلىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنى نىشانلىق كۆپەيتىپ تارقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.