جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: چاۋشيەن بىلەن رۇسىيە چاۋشيەننىڭ رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىدەك پاكىتنى رەسمىي جەزملەشتۈردى. چاۋشيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىش دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ قارارى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شەرتنامىسى»گە ئاساسەن بولدى ھەمدە چاۋشيەن ھەربىيلىرى تالاپەتكە ئۇچرىدى ۋە يارىلاندى. باياناتچىدىن سوراپ باقسام، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەننىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىقمۇ؟
گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ئالاقىسى توغرىسىدا، بىز كۆپ قېتىم مەيدانىمىزنى شەرھلىدۇق. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىق.