دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: بالا بېقىش ياردەم تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنى نىشانلىق كۆپەيتىمىز!

2025.04.29 13:56 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-پەسىللىك ئالاقىدار ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدا رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن مۇنداق دېدى: ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، كونكرېت پىكىر يولى ۋە چارىسىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بالا بېقىش ياردەم تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، مەخسۇس قايتا قەرز بېرىش قورالى تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسپى قاتارلىقلارنى قوللاشنى زورايتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت چەك تارتقان ئائىلىلەر ۋە ئاپتوموبىلى يوق ئائىلىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان شەھەرلەرنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنى نىشانلىق كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ