يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۇ ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۈرەش قىلىدىغان، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلار ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئەمگەكچى ئامما ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر بولۇپ، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق ئىزاھلاپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ يېپيېڭى سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شۈ شۇيۇڭ قاتارلىق 1670 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىشنى، لى مېڭ قاتارلىق 756 كىشىگە مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.
مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن يولداشلارنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، خىسلىتىنى ساقلاپ، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قايناق ئەمەلىيىتىگە بەس - بەستە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئىستىقبالى - تەقدىرىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى - تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!