جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ئەمگەكچى ئاممىغا، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى! تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى!

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى، سەي چى تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

2025.04.29 13:53 مەنبە: خەلق تورى

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 

«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ئەمگەكچى ئاممىغا، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئەمگەك ساھەسىدىكى دوستلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى! تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى!

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى، سەي چى تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ گېربى، گېربنىڭ ئاستى تەرىپىگە «2025 − 1925» دېگەن سانلار ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى!» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

سەي چى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. 1670 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىلدى، 756 كىشىگە مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دەپ نام بېرىلدى.

شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. 

جۇڭگو 2 - ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى دېياڭ ۋەنخاڭ مودۇەن شىركىتىنىڭ بەن - گۇرۇپپا باشلىقى يې لىنۋېي مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن تەشەببۇسنامە ئوقۇدى.

پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنى پارتىيەنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇپ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى بولۇشقا مۇناسىپ، سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك سىنىپى بولۇشقا مۇناسىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇشقا مۇناسىپ. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پارتىيەنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇشقا مۇناسىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم جەمئىيەت تايانچى بولۇشقا مۇناسىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ. دەۋر شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، جان - دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە فۇنكسىيەسىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىنى شەكىللەندۈرۈش بولدى. بۇ يول پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جان - دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىدا چىڭ تۇرۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشنى جان تومۇر قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − دۆلىتىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى تۆھپە قوشۇش - نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش - ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى پۇختا ئاشۇرۇش كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر خەلقنىڭ ئۈلگىسى، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى، پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشى، ئۇلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، خىسلىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە 100 يىلدىن بۇيان پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىكى ئورنى ۋە رولى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلەندى، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۆزدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ يىغىندا سۆز قىلدى.

يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئىلگىرى مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلگىرىكى نۆۋەتلەردىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىق 3000دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ