«1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يىغىن ئېچىپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، بىر تۈركۈم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى. بۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلغان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش بولۇپ، بۇ مۇقەررەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تېخىمۇ ئەقىل - پاراسەت بىلەن ئىجاد قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئەمگەك بەختنى يارىتىدۇ، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2020 - يىلىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى - كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. بۇ تارىخىي مۇساپىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە زور بىر تۈركۈم ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى، بۇ قېتىم تەقدىرلىنىدىغان 1670 نەپەر مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، 756 نەپەر مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچى ئامما ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. ئۇلار ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دادىللىق بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىدىغان، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى، قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتتى.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيانقى بۇ يىللار ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلققە زىچ تايىنىپ، قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل، خەتەرلىك توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئارقا - ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن جاۋاب قەغەزلىرىنى تاپشۇردى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا غەلىبە خەۋىرىنىڭ ئۈزۈلمەي تارقىلىشىدىن كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ بەس - بەستە بارلىققا كېلىشىگىچە، يەنە ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ پەللىگە قەدەم قويۇشقىچە، تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 162 مىڭ كىلومېتىردىن بۆسۈپ ئۆتۈشكىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليوندىن بۆسۈپ ئۆتۈشكىچە... دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە زېھنى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ھەيۋەتلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش چوڭ دولقۇنىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل» يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى، ئىجادىيەت يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قوزغىتىلغاچقا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەڭ پۇختا ئاساس، ئەڭ مۇستەھكەم كۈچكە ئىگە بولدى.
ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىنى ئەسلىسەك، پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەركىزىي خىزمەتنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش، تەشكىللەش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان يۈز يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، تۆھپە قوشۇش - نەتىجە يارىتىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ۋە يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى سەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبالى نامايان بولدى. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە خاس جەسۇرانە قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، رەزىللىكتىن قورقمايدىغان، ئالۋاستىلاردىن قورقمايدىغان، بېسىمدىن قورقمايدىغان قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچماقتا. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك سىنىپى بولۇشقا مۇناسىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇشقا مۇناسىپ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پەقەت جان - دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاتقاندىلا، ھەممىدە غالىب كېلىدىغان، ھەممىدە غەلىبە قازىنالايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
ھازىر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا، كۈرەش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇلۇغ ئىشلىرىمىزنى ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بۇ بىزدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، «نوپۇس پايدىسى»نى «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»غا ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ھەربىر ئادەم باش رولچى.» ھەربىر جاپالىق ئەجىر كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر ئېقىمىنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىگەن ھەربىر قەدەم گىرەلىشىپ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قايناق ئەمەلىيىتىدە ئەمگەك سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دەۋر شان - شەرىپىنى يارىتايلى.