«14-بەش يىل»دىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغىدىن چېگرا رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا جەمئىي 25 مىليارد 200 مىليون يۈەن چۈشۈرۈلدى

2025.04.27 12:09 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يۈننەن تېڭچۇڭدا ئاچقان چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «14 ـ بەش يىل»دىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغى (ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى)دىن چېگرا رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا جەمئىي 25 مىليارد 200 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق چېگرا رايوننى گۈللاندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە مەدەت بەرگەن.

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: چېگرا رايونلار ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى جانلاندۇرۇش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كۆپ مەنبە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، قار-مۇز ساياھىتى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ