كەسپىي كېسەللىك مۇندەرىجىسى 135 خىلغا كۆپەيتىلدى، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2025.04.27 11:56 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە 23-قېتىملىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز

كەسپىي ساغلاملىقنى قوغداش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى. يېڭى نۇسخىدىكى «كەسپىي كېسەللىكنىڭ تۈرى ۋە مۇندەرىجىسى»دە ئەسلىدىكى ئون چوڭ تۈردىكى 132 خىل كەسپىي كېسەللىكتىن 12 چوڭ تۈردىكى 135 خىل كەسپىي كېسەللىككە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، 2025-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق «ئەمگەكچىلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش» باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلاپ، جايلاردىن ئەمگەكچىلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش ۋە ئارىلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي كىشىلەر توپىغا قارىتا سوزۇلما كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش، پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ