بەش يىلدىن تۆۋەن ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقتى

2025.04.27 11:55 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «ئۇنىۋېرسال تىپتىكى جىسمانىي سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتا بازىرىنىڭ تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. مەھسۇلات تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، «ئۇقتۇرۇش»تا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىپ چەكلەش شەرتىنى قاندۇرغاندا، ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئەڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشىشىگە، بولۇپمۇ ئۆسۈم نىسبىتى چۈشۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئەڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئۆسۈم پەرقى زىيىنى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. مۇددىتى بەش يىلدىن تۆۋەن (بەش يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتىنى ئېچىشنى مەنئى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتىدىن چېكىنىش ھەققى، سۇغۇرتا تالونىنىڭ سىجىل مۇكاپات پۇلى قاتارلىق مەھسۇلات لايىھەلەش ئامىللىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق سۇغۇرتا تالونىنىڭ ئەمەلىي داۋاملىشىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشىغا ئىلھام بەردى، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەت ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇشقا پايدىلىق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ