كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، قانداق قىلغاندا مەسىلىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ (ئوقۇرمەنلەر كۆرسەتكەن تېما.ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما)

2025.04.27 11:53 مەنبە: خەلق تورى

ئۆز مۇخبىرىمىز جاڭ سۇڭ

يېقىندا «كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش» كۆپ تىلغا ئېلىندى، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان پېچەتلەشنى مەركەزلىك تۈزەشنى كىشىلەر ناھايىتى ئالقىشلىدى. كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش «ئۆتكۈنچى شامال»مۇ؟ قانداق قىلغاندا مەسىلىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

− خەلق تورى توردىشى 18****6

ئالدى بىلەن تورداشلارنىڭ سوئالىغا ئېنىق جاۋاب بېرەيلى: كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش «ئۆتكۈنچى شامال»ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى يىغىن ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك.» ھازىر، ھەرقايسى جايلارنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى تىجارەت سۇبيېكتى، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە ھەل قىلىشقا يۈزلەندى.

مەسىلەن، «قالايمىقان تەكشۈرۈش» ئارقىلىق كارخانىلارنى بىزار قىلىش، خەلققە دەخلى يەتكۈزۈش دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىر تىپىك دېلو مىسالى مەلۇم شىركەت 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە «ھەر يىلى 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش»تەك بىمەنە ئىشنى ئاشكارىلىدى.

كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش قېلىپلاشمىسا، كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىرىتىدۇ، بۇنى جەزمەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

مەسىلىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشتا، قانۇنچىللىقنىڭ كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

بازار ئىگىلىكى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى قانۇن ئارقىلىق بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئادىل، ھەققانىي بازار تەرتىپىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا توغرا كېلىدۇ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى كارخانىلارغا بىۋاسىتە يۈزلەندۈرۈش دەل قانۇنچىللىقنىڭ سۈپىتىنى سىنايدىغان سىنتاش.

بىر كارخانىچى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «مايىللىشىشنى تەلەپ قىلغاندىن ئادىللىققا ئىنتىلگەن ياخشى، يۆلەشنى كۈتۈپ تۇرغاندىن قانۇنغا تايانغان ياخشى». قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق بازارنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىغاندىلا، كەڭ كارخانا ۋە كارخانىچىلار كەسپىنى خاتىرجەم قىلالايدۇ، تەرەققىياتنى خاتىرجەم كۆزلىيەلەيدۇ.

بازار ئىگىلىكى يەنە كۆزلىمە ئىگىلىكتۇر. سودا مۇھىتى قانچە ياخشى بولسا، كۆزلىمە شۇنچە مۇقىم بولىدۇ. مۇنداق بىر ئوبرازلىق ئوخشىتىش بار: كارخانا خۇددى پەسىل قۇشىغا ئوخشايدۇ، قەيەردە «مۇھىت ياخشى، ئېكولوگىيە گۈزەل، كەيپىيات ياخشى» بولسا، شۇ يەرگە قاراپ ئۇچىدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىش دەل ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتىدۇر.

بۇ يىل «خاڭجوۋدىكى ئالتە كىچىك ئەجدىھا» دوستلار چەمبىرىكىدە ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ «ئىشى بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق، ئېھتىياجى بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇش»تەك قانۇنچىللاشقان سودا مۇھىتى نۇرغۇن جايلارنى كېلىپ تەجرىبە ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى. بىر كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققىيات كۆزلىمىسى قەيەردىن كېلىدۇ؟ قائىدە بويىچە ئىش بېجىرىش تەرتىپىدىن كېلىدۇ، ئېنىق ھوقۇق-مەنپەئەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن كېلىدۇ، «يېقىن» ھەم چەك بولۇش، «پاك» ھەم نەتىجىلىك ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىدىن كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە تايىنىدۇ.

قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۇزاققىچە ئەسقاتىدۇ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى قوغلىشىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيگەندىلا كۆزلىمە مۇقىم بولىدۇ، كۆزلىمە مۇقىم بولغاندىلا ئىشەنچ تولۇق بولىدۇ.

كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئىختىيارىيلىق ئېغىر بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بەزى جايلار «كودنى كۆرسىتىپ تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇۋاتىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار سىكانېرلىمىسا، كارخانىلار تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

تەكرار تەكشۈرۈش، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ بەزى جايلار «ئۇنىۋېرسال بىر قېتىم تەكشۈرۈش» ئارقىلىق «ئىشىكتىن بىر قېتىم كىرىش، كۆپ ئىشنى تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدىلا ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقىنى قانداق بايقاش كېرەك؟ بەزى جايلار سۇپا قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەم تېخنىكىسىنىڭ «ئۆتكۈر كۆزى» ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئالدىن سىگنال بېرىپ، ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىۋاتىدۇ.

كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت يەنە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق قەلبنى ئىللىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك: بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغاندا، «بېجىرگىلى بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە «ياخشى بېجىرىش»، «ئاسان بېجىرىش»نى ئويلاش كېرەك؛ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، «كارخانا ئىشى»نى «ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشى» دەپ بىلىش؛ پەن-تېخنىكا كۈچىنى قوشۇپ، توردا «سېزىمسىز» نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك...

ئەلۋەتتە، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە «سۇ قويۇپ بېرىش»ئەمەس، بەلكى «ئادىل ئىش قىلىش» كېرەك دېگەنلىكتۇر. ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى، تىجارەت سۇبيېكتىمۇ سەمىمىي بولۇشى، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشى كېرەك.

قانۇنچىل جۇڭگو مۇھىتى بەرپا قىلىش جەريانى بىر خىش، بىر كاھىشنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش جەريانىدۇر. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15-يىغىنىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر يەنىمۇ تولۇق قوللاشقا ئېرىشىپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىر مىسالدىن بىر تۈرلۈك مېخانىزمغىچە، قىسمەن ياخشىلاشتىن ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسەلدۈرۈشكىچە، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى پۇختا، داۋاملىق ياراتقىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ