2022-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 16.7، % 15.4 ۋە %10.5 ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇردى. ئۈچ يىلدا جەمئىي 80 مىليارد يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىندى (خەلق پۇلى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق).
مۇخبىر 4-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن يۇقىرىقى خەۋەرگە ئېرىشتى.
شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ يەن مۇنداق دېدى: 2024-يىلى شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 240 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇردى؛ شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 624 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئېشىپ، چىقىم قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى.