4-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6861 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.3 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە 7.2% ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ كىرىم-چىقىمىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «1-پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ۋە ئىستېمال چىقىمىدا مۇقىم ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»