دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال كۈچ چىقىرىپ كەلدى

2025.04.21 14:37 مەنبە: خەلق تورى

بىر مۇخبىر ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭىنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار سۆزلىرى توغرىسىدا سوئال سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ئېنىق بولۇپ، ئۇرۇشنى توختىتىشقا ئىزچىل پائال كۈچ چىقىرىپ، يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقانداق بىر تەرەپنى ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى، ئارمىيە ۋە خەلق تەڭ ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىدى. ئۇكرائىنا تەرەپ بۇنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا رۇسىيە تەرەپ ئىمپورت قىلغان قورال-ياراغلارنىڭ ئۇششاق زاپچاسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن كېلىدۇ، دەپ ئاشكارا بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئاساسسىز ئەيىبلەشكە ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ