فىلىپپىن مۇھاپىزەت پاراخوتى جۇڭگونىڭ خۇاڭيەنداۋ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بېسىپ كىردى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قوغلىۋەتتى

2025.04.21 14:35 مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، دېڭىز ئارمىيە داشياۋسى جاۋ جىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، فىلىپپىننىڭ 36-نومۇرلۇق مۇھاپىزەت پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خۇاڭيەنداۋ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بېسىپ كىردى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىي كۈچ تەشكىللەپ قانۇن بويىچە ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قوغلىۋەتتى. فىلىپپىن تەرەپنىڭ قىلمىشى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، جۇڭگونىڭ قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى. بىز فىلىپپىن تەرەپكە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمىز، بولمىسا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنى فىلىپپىن تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، نەنخەي دېڭىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ