مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى (يازما ئىمتىھان)نىڭ نەتىجىسى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 10دا ئېلان قىلىنىدىكەن، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش خىزمىتىمۇ شۇ كۈنى باشلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جۇڭگو مائارىپ ئىمتىھان تورى ۋە ئۇنىڭ ئەپچىقى ئارقىلىق نەتىجىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان ئورنى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى يۈز تۇرا ئىمتىھان 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ تىزىملىتىش ئېلانى ئارقا-ئارقىدىن تورغا چىقىرىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ تىزىملىتىش ئېلانىدىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توردا تىزىملىتىش، شەخسىي ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلارنى تاماملاپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا ھەق تاپشۇرۇشنى تاماملايدۇ.