يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2025.04.18 14:22 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 17-چېسلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 52 ماددا بولۇپ، مەۋقە تەربىيە بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈشكە قويۇلۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىن ئارىلىشىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، كونكرېت باشلامچى تارماقلارنى بېكىتىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ