مەركەزنىڭ 16 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى! ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

2025.04.18 14:23 مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئوبيېكتى قايسىلار؟

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە خېبېي ئۆلكىسى، سەنشى ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جىلىن ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە دائىملىق كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە دەرىجە ئۆستۈرۈپ كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە چاڭچۈن، خاڭجوۋ، نىڭبو، ۋۇخەن، چېڭدۇ قاتارلىق بەش مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرگە قارىتا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىغا مەسىلىلەرنى قايسى يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلغىلى بولىدۇ؟

كۆزىتىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ئاممىدىن كەلگەن خەت، تېلېفون، ئەرزىيەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئورۇنلىشىپ بولغان مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ