4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
كۇئالا لۇمپۇردىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد، ھەمراھ مىنىستىر، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇ جاۋفۇ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. مالايسىيا ياشلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، شۇ جايدىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ خادىملىرى، مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە خۇاچياۋ - خۇارېنلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.