جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى: قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ پائالىيەت ئېلىپ باردى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلايلى

2025.04.15 15:04 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، بۆلۈمىمىز قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشۋىقات-مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ نامىدا ئاتالمىش «APP تورىدا سىناق قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، ئالاقىدار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدامچىلىققا چېتىلغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ھەقتە، بۆلۈمىمىز تۆۋەندىكىچە بايانات ئېلان قىلىدۇ:

بىرىنچى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشۋىقات-مەدەنىيەت بۆلۈمى ئەزەلدىن ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە ئاتالمىش «جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى توردا سىناق قىلىش تور سىرتى ئىشخانىسى» قۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ باقمىدى، ئاتالمىش «APP تورىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مېيىپلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش»، «مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش فوندى»نى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئەزەلدىن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ باقمىدى.

ئىككىنچى، جەمئىيەتتىكى ئامما، بولۇپمۇ مېيىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكنى، مەبلەغ ئالدىن تۆلىنىدىغان ھەرقانداق تۈرگە قاتناشماسلىقنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، مال-مۈلۈك زىيىنىدىن ساقلىنىشنى سورايمىز.

ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىندى

جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشۋىقات-مەدەنىيەت بۆلۈمى

2025-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ