يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىش جەھەتتىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى سۇبيېكىتلارنىڭ خەلق پۇلىنى ئىلكىدە تۇتۇشى، ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى، خەلق پۇلىنى خەلقئارادا ئىشلىتىشتىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم ئاشتى.
2024-يىلى، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلىنىڭ كىرىم-چىقىم سوممىسى جەمئىي 6 تىرىليون 410 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى.
خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى ( CIPS )نىڭ قاپلاش دائىرىسى كۆرۈنەرلىك كېڭەيدى، 2024-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كەسىپ دۇنيادىكى 185 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، 2024-يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلىنىڭ چىقىم سوممىسى 17 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43 ئاشتى.
2024-يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئاساسلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسىدا خەلق پۇلى بىلەن چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش سوممىسى جەمئىي 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.7 ئاشتى.
نۆۋەتتە خەلق پۇلى دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ سودا-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىغا ئايلاندى. 2024-يىلى چەت ئەل مەبلىغىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار جۇڭگوغا كېلىپ تارقاتقان مۈشۈكئېيىق زايومى 200 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئاشتى، چەت ئەلدىكى خەلق پۇلى زايومىنىڭ تارقىتىلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن %150 ئاشتى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو جەمئىي 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ مەركىزىي بانكىسى ياكى پۇل دائىرىلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.