دۆلىتىمىزدە چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ سانى ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ، چەت ئەلدە ئوقۇش مەنزىلى دۇنياۋىلىشىش، چەت ئەلدا ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىش ئومۇملىشىش قاتارلىق يۈزلىنىشلەر نامايان بولدى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئېلان قىلغان «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب» ۋە «چەت ئەلدە ئوقۇغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب»تا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلدە ئوقۇغان كۆپ قىسىم خادىملار ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلىشنى تېخىمۇ خالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى كۈچەيگەن بولۇپ، تەلپۈنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى پۇل مۇئامىلە قاتارلىق قىزىق نۇقتا كەسىپ-ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.
دۆلىتىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەنزىلىدە كۆپ خىللىشىش يۈزلىنىشى نامايان بولدى، بۇ ئاسىيا، ياۋروپا، ئوكيانىيە قاتارلىق ئالتە چوڭ قىتئەدىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنگلىيە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ ئالقىشلىق دۆلەت بولغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشتا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇھىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى قىزىق نۇقتا بولغان 28 مەنزىلنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، بىخەتەرلىك، تەننەرخ قاتارلىق جەھەتلەردىن باھالاشنى قانات يايدۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنگلىيە، سىنگاپور، كانادا چەت ئەلدە ئوقۇش مۇھىتىنى باھالاش ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان، سىنگاپور، دانىيە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تەننەرخ كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
كۆپ ساندىكى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار چەت ئەلدە قىسقا مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشقا مايىل، چەت ئەلدە ئوقۇش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن ئىككى يېرىم يىل ئىكەن. بېيجىڭ ئىزچىل چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئورۇنلىرى ئىچىدە ئالدىنقى تاللاش بولۇپ كەلگەن، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەشتىكى قىزىق نۇقتا كەسىپلىرى پۇل مۇئامىلە كەسپى، مائارىپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپى، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپىدىن ئىبارەت تۆت كەسىپ بولغان.