مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئېلىپ كەلگەن قۇم-بورانلىق، قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى ئاخىرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن. ئەمما بۈگۈن شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې ـ خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ ـ خۇەيخې دەرياسى ۋە شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز تەۋەسىدە يەنىلا بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ سىچۈەن، چۇڭچىڭ، خۇنەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن ئارىلى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يەنىلا ئاجىز چاڭ ـ توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەيدىكەن، شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدىكەن.