رۇسىيە تەرەپ، جۇڭگو قانچىلىك نېفىتقا ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنچىلىك نېفىت تەييارلايمىز، دەپ ئىپادە بىلدۈردى

2025.04.15 15:02 مەنبە: خەلق تورى

تاس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاندىرى رۇدېنكو جۇڭگو قانچىلىك نېفىتكە ئېھتىياجلىق بولسا، رۇسىيە جۇڭگوغا شۇنچىلىك نېفىت يەتكۈزۈشكە تەييار، دېگەن.

ئەگەر ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى نېفىت بىلەن تەمىنلىشى توختىسا، جۇڭگو رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ نېفىتىنى سېتىۋالامدۇ-سېتىۋالمامدۇ دېگەن مەسىلىگە قارىتا، رۇدىنكو جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەگەر دۆلەت مەنپەئەتى نېفىت سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، جۇڭگو ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدۇ، بۇ جۇڭگولۇق دوستىمىزنىڭ تاللىشى.»

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇتەخەسىسلەر ئەگەر نۆۋەتتىكى تاموژنا بېجى نىسبىتى ساقلاپ قېلىنسا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا خام نېفىت ئېكىسپورت قىلىشى كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا نۆلگە چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. جۇڭگونىڭ ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن جۇڭگو نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ھېچقانداق پايدا ئالالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ